خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىدۇ

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان زىيارىتىنى باشلىماقچى. ب ب س دىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى تۈركمەنىستان. ئۇ تۈركمەنىستاندا تۈركمەنىستان - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركمەن - خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى 2007 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق تۈركمەنىستان خىتايغا ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزىدۇ. بۇ تۇرۇبا تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتۇشىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى جاڭ شىيۈننىڭ ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە ئېنېرگىيىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مول نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كان بايلىقلىرى زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە گۇمانلىق نەزەردە قاراۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇ دۆلەتلەرگە ئاستا - ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن كەلگۈسىدە خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى دېيىشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى تۈركمەنىستاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت