خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىن رۇسىيە زىيارىتىنى باشلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.03.21
2010.03.21
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شى جىنپىڭ ۋلادىۋوستوكتىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 23 -مارت كۈنى سانكتپېتېربۇرگنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە باشلىغان "خىتاي تىلى يىلى" پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھەمدە خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيىنىڭ دىئالوگ پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرى دىققەت قىلغان بولۇپ، رۇسىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى ئۇنىڭ رۇسىيىگە تېخىمۇ تونۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىراق، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا قىممىتىدە چۈشۈش كۆرۈلگەن، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە كرىزىس پەيدا بولغان ھەمدە سودا - ئىقتىساد، خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى، ئىنتېرنېت ۋە تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش قاتارلىق كۆپ مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار كۈچەيگەن بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر قاتار مەسىلىلەردە خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
شى جىنپىڭنىڭ ئۆز زىيارىتىنى خىتايلار تارىخىي جەھەتتىن ئەسلىدە "جۇڭگونىڭ زېمىنى" دەپ قاراپ، خەنزۇچە خەيشېڭۋېي دەپ ئاتىغان ۋلادىۋوستوك شەھىرىدىن باشلىشى، تېخىمۇ مۇھىم دىققەتنى تارتقان.