رۇسىيە بىلەن خىتاي سودىدا روبلى بىلەن يۇەننى قوللانماقچى

رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمترى مېدىۋېتىف بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا، بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.06.17

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمترى مېدىۋېتىف بىلەن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۈگۈن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، رۇسىيە بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن سودىدا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت پۇلى روبلى بىلەن يۇەننى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تايانماسلىق ئۈچۈن قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چوڭ خاتىرىلەيدىغان يىل، شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقى يېمېرىلىپ خىتاي كۈچلۈك دۈلەتكە ئايلاندىن كېيىنكى خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.