ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇندىن كېيىن، قاتناش تۈگۈنلىرى ھەم زور پائالىيەتلەر مەزگىلىدە ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.11.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 14-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەلگىلىمە خىتاينىڭ 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 23-يىغىنىدا قاراردىن ئۆتكەن بولۇپ، 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ساقچىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ قىسقا مەزگىلدە ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى مۇقىملىقنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا، ساقچىلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە، بۇندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ كىملىكىنى بېجىرىشتە بارماق ئىزىنى ئېلىش قارارلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ شۇڭچۈەن پۇقرالارنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىشنى پەيدىن-پەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.