خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى پاش قىلىندى

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتى، بۈگۈن بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-22
Share

مەزكۇر دوكلات كېلەر ئايدا ب د ت دا ئېچىلىدىغان خىتاينىڭ مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىنى باھالاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئۈچۈن ھازىرلانغان. دوكلاتتا ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلىپ،مەجبۇرىي داۋالىنىدىغانلىقى، داۋالىنىش جەريانىدا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقى، نارازىلىق بىلدۈرسە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىدىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلىنغان.

ب د ت دا 2008‏-يىلى تەستىقلانغان مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسىدە، مېيىپلەرنى قاماپ قويۇشقا ۋە نەزەربەند قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بېكىتىلگەن؛ نېرۋا كېسەللىكلەر بولسا مېيىپلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر قاتارىدا سانىلىشى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولسا، ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىدۇر.

خىتاينىڭ كېلەر ئايدىكى ب د ت يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت