ئامېرىكا كارخانىچىلار بىرلىكى خىتاي پولات ماتېرىياللىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلىتىشكە قارشى تۇردى

ئامېرىكا كارخانىچىلار بىرلىكى ئاام ئامېرىكىدىكى زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلاردا خىتاينىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۈشەنبە كۈنى بىرلىك ئەزالىرى سان-فرانسىسكو شەھىرىدىكى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن 7 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى پولات ماتېرىيالى بىلەن ياسىلىۋاتقان سان فرانسىسكو-ئوكلاند كۆۋرۈكى يېنىدا نامايىش قىلىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنىڭ ئورۇنسىز ھالدا خىتايدىن كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى ئۇچىدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشچىلار «پۈتۈنلەي خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پولاتتىن ياسالغان بۇ كۆۋرۈك ئەسلىدە ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىياللار بىلەن ياسىلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

ئامېرىكا كارخانىچىلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سكوت پائۇل فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئامېرىكىنىڭ زور قۇرۇلۇشلاردا ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىدىكى كارخانىلارنى ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ۋە شتات قانۇنلىرى زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلاردا ئالدى بىلەن چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى كارخانىلارغا پۇرسەت بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەزى ئالاقىدار ماددىلىرىغا قول قويمىغان، شۇڭا ئامېرىكا خىتاي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى رەت قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق»، ئەمما ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلمىغانلىقىنى، ئامېرىكا بازىرىنىڭ ئالاقىدار ماددىلارغا قول قويغان ھەرقانداق دۆلەتكە ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر بىرلىك بۇندىن كېيىن ھەر ھەپتە ئامېرىكىدىكى زور قۇرۇلۇشلاردا ئورۇنسىز ھالدا خىتاي پولات ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەن جايلاردا نامايىش قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت