خىتاي تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى

دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ياپونىيە يىنى ۋە ياۋروغا ئالماشتۇرۇش قىممىتىدە ئۆسۈش كۆرۈنگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەمما خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى خىتاي تاشقى پېرېۋوت ۋە پۇل ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.06.29

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شاۋچۈئەن يەكشەنبە كۈنى شۋېتسارىيىدە: " بىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت سىياسىتىمىز ئەزەلدىن مۇقىم بولۇپ كەلدى، ھېچقاچان تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولمايدۇ،" دېگەن.

ھالبۇكى خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە، ئامېرىكا تەرەپتە ھەر يىلى 200 - 300 مىليارد دوللار قىزىل رەقەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنى ئوز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق خام ئەشيالارنىڭ تەننەرخىدە سۈنئىي تۆۋەنلەش پەيدا قىلىپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئادالەتسىز رىقابەتكە مەجبۇرلىدى، دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ۋە خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى بازار نەرخىگە قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى بولسا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئەيىبلەشلىرىنى ئورۇنسىز دەپ رەت قىلىپ كەلمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.