ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز يولىنىڭ ئۈچىنچى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئۆزبېكىستاندا باشلاندى

تۈنۈگۈن، ئۆزبېكىستاننىڭ گازلى رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئۈچىنچى لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلانغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا ئۆزبېك نېفىت-گاز شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت مازھىتوف ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى CNPC نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭجىن قاتنىشىپ، لېنتا كەسكەن.

خەلقئارا نېفىت يوللىرى خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدىغان بۇ 3-لىنىيە ئاللىقاچان ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ بولغان ئا ۋە ب ئىككى لىنىيىگە پاراللېل بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 529 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

2014-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلان قىلىنىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش تۈركمەنىستاننىڭ نېفىتىنى خىتايغا توشۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەزكۇر تەبىئىي گاز لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1840 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ لىنىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق ئۆتىدۇ.

قازاقىستاندىكى ئاتاسۇدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مايتاغقىچە بولغان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت