تەيۋەن ئامېرىكىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ قورال - ياراق سېتىۋېلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر باياناتىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسۋىتى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە 6 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق قورال - ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى توختىتىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەنگە قورال - ياراق ساتقان ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ئىمبارگو قويۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاۋ خۇاچۇ، تەيۋەن - ئامېرىكا ئارىسىدىكى قورال - ياراق سودىسىنى ئاقلاپ، بۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقۇملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، دېدى. گاۋ خۇاچۇ يەنە، "ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسۋەت قانۇنىغا ئاساسەن تەيۋەننى مۇداپىئە خاراكتېرلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى، تەيۋەننىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى ئورنىنى كۈچەيتىدىغانلىقى"نى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، "تەيۋەن كەلگۈسىدە ئۈزلىكسىز قورال -ياراق سېتىۋالىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.
ما يىڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ گومىنداڭ پارتىيىسى 2008 - يىلى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، تەيۋەن - خىتاي مۇناسۋىتى يۇمشاپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەت ئەسلىگە كەلگەن، سودا ۋە ساياھەتچىلىك كۈچەيگەن، لېكىن خىتاي تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىش تەھدىتىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى.