خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تەيۋەندە نامايىشقا دۇچكەلدى

خىتاي دۆلەتلىك خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى 3 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى تەيۋەنگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ 1949 - يىلىدىن بۇيانقى خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەندە ھۆكۈمەت زىيارىتىدە بولۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.03

خىتاي - تەيۋەن ئىشلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى چېن يۈلىن تەيبېي خەلقئارالىق ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان مىڭلىغان ئامما چېننىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارشى نامايىش باشلىغان.

چېن يۈلىن تەيبېيدىكى "گراند" مېھمانخانىسىغا چۈشكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مېھمانخانا ئالدىدا نامايىش قىلغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ 7 - قەۋەت تېمىغا " باندىت چېن يۈلىن يوقال بۇ يەردىن !" دېگەن شوئارنى يېزىپ قويغان. ئەمما، ساقچىلار نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرمىغان.

چېن تەيۋەندە 5 كۈن زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى تەيۋەن - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى پارتىيە دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىككى مىڭغا يېقىن ئەزاسى دۈشەنبە كۈنى كەچتە تەيۋەن پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، چېننىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارىشى نامايىش قىلغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.