خىتاي تەيۋەنگە قاراتقان راكېتالىرىنىڭ سانىنى 1500 دىن ئاشۇرغان

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىر تەرەپتىن تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىللىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق تەيۋەننى مۇستەقىللىق ۋە ياكى ئايرىم بولۇش يولىدىن ۋاز كەچكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم سىياسىتىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنىلا تەيۋەننى نىشانلاپ تىكلىگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سانىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشۇرغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-02-15
Share

تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سانىنىڭ 1500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇ خىل سىياسىتىگە نىسبەتەن تەيۋەنلىكلەر ھەر خىل كۆز قاراشتا بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىر ئىللىۋاتقانلىقى، تەيۋەن تەرەپنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن پەرقلىق پىكىردە بولغان بولۇپ، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى يەنىلا دۈشمەنلىك دەپ چۈشەنگەچكە ئۆزلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ھەربىي تەييارلىقلىرىنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، مۇستەقىللىق تەرەپدارى چېن شۇيبىيەن تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىنى گومىنداڭ پارتىيىسىدىكى مايىڭجو ئىگىلەپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى بولدى. مايىڭجو مۇستەقىل بولماسلىق، بىرلىككە كەلمەسلىك ۋە قورال ئىشلەتمەسلىكتىن ئىبارەت "ئۈچ قىلماسلىق" سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى بىكار قىلىشنى كۈتكەن ئىدى. لېكىن، خىتاي تەرەپ ھەربىي تەھدىت سېلىشتىن ھازىرچە يالتايمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى "ھازىر ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئىللىدى، ئۇرۇش پارتلىمايدۇ، بىراق جۇڭگونىڭ 1500 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى تەيۋەنگە قارىتىپ تىكلەپ قويغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم" دەيدۇ ۋە بۇ مەسىلەدە بېيجىڭنى تەنقىد قىلىدۇ.

بېيجىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەندىكى مۇستەقىللىقنى قوللىمايدىغان پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى چوڭ قۇرۇقلۇققا تەكلىپ قىلىش سىياسىتى قوللانغان بولۇپ، گومىنداڭنىڭ سابىق رەئىسى ليەنجيەن بېيجىڭ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان ھەمدە كومپارتىيە داھىيسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقان شۇنىڭدەك بىرلىككە كېلىش پىكىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت