خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش تىبەت ياشلىرىدىكى جاندىن تويۇش تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتكەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت رايونلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش تىبەت ياشلىرىدىكى جاندىن تويۇش تۇيغۇلىرىنى كۈچەيتكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.28

بۇ خىتاينى نامايىشچىلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش ۋە ياكى نامايىشچىلارنىڭ تىبەت رايونىغا ئالىي مۇختارىيەت بېرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاشقا دۇچار قىلغان.

خەۋەردە سىچۈەننىڭ گەنزى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن نامايىش مەيدانىدىكى مۇنداق بىر كۆرۈنۈش سۈرەتلەنگەن. قولىدا تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى كۆتۈرگەن بىر تىبەت ياش «تىبەتكە ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىغان ۋە خىتاي ساقچىلىرىغا قاراپ «يامان بولساڭ، تۇتمامسەن!؟» دەپ خىتاب قىلغان. ياندا تۇرغان باشقا تىبەتلەرمۇ قوزغىلىپ، ئۇنى خىتاي ساقچىلىرىدىن قوغداشقا تىرىشقان.

23 - يانۋار دۈشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى تەۋەسىدە، پەيشەنبە كۈنى ئابا ناھىيىسىدە تىبەتلەر قوزغىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ھەر ئىككى نامايىشنى قوراللىق باستۇرغان.

دارامسالادىكى تىبەت پارلامېنت ئەزاسى يوۇدون ئاۇكاتساڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتە بىر يەر ئاستى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.