خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىق ھارپىسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى ماقالە ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ ھايات - ماماتلىق كۈرىشى ئىكەنلىكىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تىبەت ئىچىدە چىقىدىغان ھۆكۈمەت گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن باش ماقالىدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

باش ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن "دالاي گۇرۇھى ۋە دالاي لامانى قوللايدىغان غەرب دۈشمەن كۈچلىرى" ئارىسىدىكى كۈرەش قانداقتۇر مىللىي كىملىك، دىنىي ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن بەلكى "بۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ سىياسىي ئاساسىغا، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئارىسىدىكى ھايات ماماتلىق سىياسىي كۈرەش،" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باش ماقالىسى 1959 - يىلى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىق ھارپىسىغا توغرا كەلگەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت