خىتاي، تىبەتلەر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا

6 - مارت كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي 11 - نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ۋە 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان تىبەت ئاپتونۇم رايون ۋەكىللىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-03-06
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ئاپتونۇم رايونىغا قويغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا " تىبەت ئالاھىدە زور مۇقىملىق ساقلاش قىسىملىرىغا مۇھتاج" دەپ بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە تىبەت ئاپتونۇم رايونى رەئىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى جىددىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغان بولۇپ، بۇ كېلەر ھەپتە تىبەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىق خاتىرىسىدە،زور ۋەقەلەرنىڭ تۇغۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

بۇلتۇر 14 - مارتتا تىبەتتە زور خەلق نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى گەرچە ئۇ قېتىملىق نارازىلىق تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تىبەت ۋەكىللىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقەدە قانچىلىك تىبەتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە جازالانغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا تولۇق جاۋاب بەرمەي پەقەت ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 953 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى 76 سىگە قانۇن بويىچە جازا كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇرقى 13 - ۋە 14 - مارت تىبەت نارازىلىق ھەرىكىتىدە 218 تىبەت خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، تۇتقۇن قىلىنغانلار 7 مىڭدىن ئاشقان.

خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونۇم رايونىغا قويغان رەئىسى مۇخبىرلارغا بۇلتۇرقى ۋەقەنى زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ كۆرسىتىپ، "بىز جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ خىلدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت