خىتاي تۆمۈريول دائىرىلىرى، شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە بېيجىڭغا قاتنايدىغان پويىز بېلەتلىرىنى ئىسىمغا قاراپ سېتىشنى يولغا قويدى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى دۈشەنبە كۈنى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەيدىن ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ۋە بېيجىڭغا قاتنايدىغان ئۇچقۇر، تېز سۈرئەتلىك ۋە نورمال پويىز بېلەتلىرىنىڭ يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئىسمى بىلەن سېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.23

دائىرىلەر، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا ئىسىم بىلەن بىلەت سېتىشنى يولغا قويغان. شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر يولۇچى كىملىكىنى كۆرسەتمىسە ۋە كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن بىلەتتىكى ئىسىم ماس كەلمىسە، پويىزغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل تۈزۈمنى يولغا قويۇشقا نېمە زۆرۈرىيەت ھېس قىلىپ قالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى يېقىندىن بۇيان داۋاملىق ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇ، خىتاي تۆمۈر يول قاتناش سىستېمىسى ئۇيغۇر ياكى تىبەتلەرنىڭ تاسادىپىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن خەۋپسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي تۆمۈر يول دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلىپ، مەزكۇر بەلگىلىمە مەخسۇس ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى نىشانغا ئالغان، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىر، كۆرسەتتى.

خىتاي تۆمۈر يول دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئىسىم بىلەن بىلەت سېتىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق تۆمۈر يول ۋوگزاللىرى پەقەت گۇمانلىق، دەپ قارىغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭلا كىملىكىنى تەكشۈرۈپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.