خىتاي، بىر قانچە نۇقتىلىق چەتئەل تور بەتلىرىنى قايتا تاقىدى

ئىلگىرى بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم چەتئەل تور بەتلىرىنىڭ خىتايدا تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئولىمپىك مەزگىلىدە تاقىۋېتىلگەن تور بەتلەرگە قاراتقان قامال قىلىشنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، يېقىندا بۇ تور بەتلەر بىلەن بىللە يەنە بىر قىسىم خوڭكوڭ ھەم تەيۋەن تور بەتلىرىنىمۇ قايتا تاقاپ قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.16

16 - دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جەنچياۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى تاقاپ قويۇشتا نېمە مۇددىئاسى بارلىقى ھەققىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا دۇچ كەلدى.

ليۇ جەنچياۋ جاۋابىدا مەزكۇر تور بەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرىزى بىلەن تاقالغانلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم چەتئەل تور بەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

چەتئەل ئاخباراتلىرىدا، خىتاينىڭ چەتئەل تور بەتلىرىنى تاقىشىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى، بۇ سىياسىي سەزگۈرلۈكنىڭ ئېشىشىغا بولسا 2009 ‏ - يىلىدا خىتايدا يەنىمۇ زور ئاممىۋى ھەرىكەت ھەم توپىلاڭلار يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە سېزىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا .

بۇ مۇلاھىزىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2009 ‏ - يىلى خىتاي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىدا زور رىقابەتلەرگە يۈزلەنمەكتە. چۈنكى، كېلەر يىلى 4 - ئىيون ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى شۇنداقلا تىبەتنىڭ ئاپتونوم رايون قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، مۇشۇ سەۋەبلەردىن خىتاي نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا، تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ساھەسىنى رەتكە سېلىش، بولۇپمۇ سەزگۈر رايونلاردا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋاستىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.