خىتاي سودا مىنىستىرى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە 'ھۆرمەت' قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى تۈركىيىدە زىيارەتتىكى خىتاي سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چوڭقۇر ئازاپلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى "دوستلۇق كۆۋرۈكى" ھېسابلايدىغانلىقىنى ۋە تۈركلەر بىلەن خىتايلار تارىخقا يىلتىز تارتقان ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-08
Share

چېن دېمىڭ بولسا، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە "ھۆرمەت" قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى "دوستلۇق كۆۋرۈكى" دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا ئەردوغانغا ئۇنىڭ 2003 ‏ - يىلدىن بېرى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قوشقان تۆھپىسى يۈزىسىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئەردوغاننىڭ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئۇرۇق ‏ - تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوزۇر ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەردوغان "5 ‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە خىتاينى شىددەتلىك تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا "ئېرقىي تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 5 ‏ - ئىيۇلدىكى قىرغىنچىلىقنى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي بولسا ئەردوغاننىڭ سۆزىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا تۈركىيىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئەنقەرەنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشقان ئىدى.

چېن دېمىڭ پەيشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلايان ۋە قاتناش مىنىستىرى بانالى يىلدىرىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. باش مىنىستىر ئەردوغان بولسا، تۈركىيە بىلەن خىتاي 3‏ - بىر دۆلەتكە شېرىك مەبلەغ سالسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت