جۇ خەيلۇن: 'ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك'

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ خەيلۇن جۈمە كۈنى، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، جۇ خەيلۇن بۇلارنى ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان تەڭرىتاغ رايونى ۋەكىللىرىگە قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، يىغىن ۋەكىللىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، چارلىغۇچى قىسىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بايان قىلغان.

جۇ خەيلۇن سۆزىدە، ئۈرۈمچى مۇقىملىق ئەھۋالىنىڭ "ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن كەسكىن" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە "بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ۋە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش" توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جۇ خەيلۇن يەنە، بۆلگۈنچىلىككە قارىشى كۈرەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، "سىياسىي - قانۇن ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق قوغدىنىش، جازالاشتا قەتئىي بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارىشى تۇرۇش، سىياسىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي تەشۋىقاتىغا زەربە بېرىش" قاتارلىقلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىشىدىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

جۈمە كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىنمۇ بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش ھەققىدە توختالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت