خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىللىك چارلاش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن

خىتاي يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىللىك مۇقىملىق خىزمىتى نامىدا كۆپ ساندا ساقچى ئاجرىتىپ چارلاش ۋە تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. خىتاي ساقچىلىرى بۇ جەرياندا جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئالاقىدار ئىككى مىڭ خىلدىن ئارتۇق دېلو نى بىر تەرەپ قىلغانلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.22

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ چاغان مەزگىللىك مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر قايسى ساقچىخانىلارغا يەنە مىڭ نەپەر ساقچى قوشۇپ ئاجراتقان ۋە كوچا چارلاش نىسبىتىنى ئاشۇرغان.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ بۇ يىل چاغان مەزگىللىك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن . ج خ نازارىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : "ھەر خىل قىسىملارنىڭ جەمئىيەتتە چارلاپ مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ساقچىلارنى كوچىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە يۆتكەپ، ھوشيارلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ."

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە جىنايى ئىشلار دېلوسى يىللاردىكىدىن 38 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولسا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئالاقىدار دېلولار 2250 قېتىمغا يېتىپ يىللاردىكىدىن 1.6 پىرسەنت ئاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.