خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 كىشىلىك دائىمىي ئەزالار يىغىنى 'شىنجاڭ' مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.04.23
2010.04.23
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي سىياسىي بيۇرو دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى "ئىقتىسادى - ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ساغلام ھەم تېز سۈرەت بىلەن ئالغا سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، رايوندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ھەم شاد - خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش" دېگەن مەزمۇندا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي كومپارتىيىسى ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر ئاي چاقىرىلىشى پىلانلانغان "شىنجاڭ" سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا چاقىرىلىپلا قالماي، 2009 - يىلى يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئاز قالغان مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىدى. "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيان "شىنجاڭ"دا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان مىللىي سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنى "مىللىي سىياسىتى"نى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدىغان ئاۋازلار كۈچەيگەن.
جۈمە كۈنكى يىغىندا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر قانداق كونكرېت قارارلارنى ئالغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانداق قارار چىقارمىسۇن، ئۇيغۇر خەلقى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىنىشتەك ھازىرقى ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلمىسە، مەسىلە داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.