خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا تېررورچى تەشكىلاتتىن بىرنى تار‏ - مار قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا بىر تېررورچى تەشكىلاتنى تار‏ - مار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتچى ۋۇ خېپىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ 2008 - يىلىدىن بېرى كۆپ قېتىم تېررور پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى 42 ياشلىق ئابدۇرېشىت ئابلەت ۋە 33 ياشلىق ئىمىن سەمەرلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىرغىچە 10 دىن ئارتۇق تەشكىلات ئەزاسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ مۇخبىرلارغا "تار‏ - مار قىلىنغان بۇ تەشكىلات، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىغا ئىنتايىن ئاز قالغاندا بۇنداق بىر خەۋەرنى تارقىتىشىنى سىياسىي مەقسەتلىك ھەرىكەت دەپ كۆرسەتتى ۋە "بۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ" دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت