خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ۋېن يەنە بۇلارنىڭ تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008-09-29
Share

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يۇقىرىقىلارنى ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە ئوتتۇزغا قويغان بولۇپ، ئۇ سۆھبەت جەرياندا 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى قاتارلىق نازۇك تېمىلاردىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن.

ۋېن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ساۋاقلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر سۇئالىنىڭ نېگىزىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دېموكراتىك سايلام سىستېمىسىنى ئاستا - ئاستا يولغا قويۇش، ئىككىنچىدىن قانۇن ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، ئۈچىنچىدىن خىتايدا ھۆكۈمەت، ئاخبارات قاتارلىقلارغا پۇقرالارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىشى قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىدىيە تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ھەر تەرەپتىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 19 ‏ - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى تەنقىدلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت