خىتاي ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىنىڭ بەزى تور بەتلىرىنى خاكلىغانلىقىنى رەت قىلدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې يەكشەنبە كۈنى سىنگاپوردا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ گوگۇل قاتارلىق بەزى ئامېرىكا، ئەنگلىيە تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىكى قاراقول ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.06

ئۇ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ شۇنداقلا بۇ ساھەدىكى ھەر قانداق قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

لياڭ گۇاڭليې يەنە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنى تور بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا دىئالوگنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، «بۇ خىل تور ھۇجۇملىرىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنى تېپىپ چىقىش قىيىن، بىز ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، بۇنىڭ بىر مەسىلىگە ئايلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنىڭ گوگۇل تور بېكىتى يېقىندا مەزكۇر تورنىڭ گماىل خەت ساندۇقى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ جىنەندىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گوگۇلنىڭ شىكايىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى گۇمانلارنى رەت قىلىپ، خىتاينى بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەت، دەپ گۇمان قىلىشنىڭ «قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس بىلەن ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىئام فوكس سىنگاپوردىكى يىغىندا مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بارلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان.

دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ «خەلق»گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، گوگۇلنى خىتايغا قارا چاپلاش بىلەن ئەيىبلىگەن.

«خەلق» گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا گوگۇلنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنى «قويۇق سىياسىي تۈسكە ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي خانىم ئۆتكەن جۈمە كۈنى گوگۇلنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى «ئېغىر ۋەقە» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.