خىتاي خاككېرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدىغان خىتاي خاككېرلىرى 20 گە يەتكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇلارنىڭ ئىچىدە 12 سىنىڭ خىتاينىڭ ئازادلىق ئارمىيە ئورگانلىرى بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، 6 خاككېرنىڭ خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان. يەنە قالغان ئىككىسىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقى ئېنىقلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن.
ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى جامېس لېۋىسنىڭ «ۋالل سترېئېت» ژۇرنىلىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسى توپلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خىتايدىن كەلگەن ئىنتېرنېت خاككېرلىرىغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا ھازىرلانغان.
باشقا خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تارماقلىرى خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمىغا قارىتا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغان خاككېرلارنىڭ تۇرغان جايىنى ئېنىقلاپ، بىۋاسىتە ھالدا قايتۇرما زەربە بېرەلەيدىكەن.