خىتاي ھۆكۈمىتى لوپ ناھىيىسىدە 'بۇلاڭچى، قاراقچى ۋە ئوغرىلىققا زەربە بېرىش' دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر لوپ ناھىيىسىدە ' بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق ۋە ئوغرىلىققا زەربە بېرىش' دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ 'خوتەن ئامانلىق تورى' دا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لوپ ناھىيىدە 'ۋەزىيەت جىددىي' دەپ قاراپ، بۇ ناھىيىدە يېڭىچە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-11
Share

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتە، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنغا 20 دىن، مەھەللە دەرىجىلىك ئورۇنغا 8 دىن پوس قويۇش؛ يوللاردا كېچە - كۈندۈز چارلاش ئېلىپ بېرىش؛ ساقچىلار دائىرىنى بۆلۈۋېلىپ ھەرىكەت قىلىش؛ يەرلىك ئەمەلدارلار نىشانلانغان ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان. ئەمەلىيەتتە بولسا، خىتايدىن ئېقىپ كەلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئاقما نوپۇس' لارنى تەكشۈرۈش ئاساسىي نۇقتا قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، قارىقاش ناھىيىسىدە قەدىمى زاراتگاھلىقلارنى زىيارەت قىلغان يەرلىك خەلقتىن 200 نى تۇتقانلىقى، گۇمىدا 'شەرقىي تۈركىستانغا دائىر ۋىدىئو فىلىملىرىنى كۆرگەن' دېگەن نام بىلەن 40 تىن ئارتۇق يەرلىك خەلقنى تۇتقانلىقى ۋە ئۇلاردىن ئېغىر جەرىمانە ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خوتەننىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىمۇ، يەرلىك خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئۈچۈن 'كاپالەتنامە يېزىش' قا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت