ياپونىيىدە خىتايغا سەلبىي قارايدىغانلار كۆپەيگەن

ياپونىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايغا ئىجابىي قارايدىغانلار سانى ھەر بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە 1 ئادەمگىمۇ يەتمىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.24


راي سىناش نەتىجىسى شەنبە كۈنى «كيۇدو خەۋەر ئاگېنتلىقى» دا ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناش بۇ يىل 27 - سېنتەبىردىن 7 - ئۆكتەبىرگىچە پۈتۈن ياپونىيە بويىچە 3 مىڭ نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

راي سىناشقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ 82 پىرسەنتى خىتايغا سەلبىي باھا بەرگەن بولسا، ئاران 18 پىرسەنت ئادەم خىتايغا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتايغا سەلبىي قارايدىغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 8.3 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 1978 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى تۈپەيلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل سوغۇقلاشماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.