خىتاي بۈگۈن ياپونىيىگە سىرەك توپا ئېكسپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن توساتتىنلا، ياپونىيە بىلەن تىجارەت قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىش رۇخسەت خېتى تارقىتىپ بەرگەن. خىتاي تاموژنىلىرىمۇ رەسمىيەت بېجىرىشكە باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.29

سېنكاكۇ ئاراللىرىدا كېمە سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە سىرەك توپا (يەر شارىدا كام ئۇچرايدىغان يەر مىنېراللىرى) ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىپ قويغان ئىدى. خىتاي گەرچە، ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسىگە چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما تاموژنىلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.
 
خەۋەر ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئېكسپورت چەكلىمىلىرىگە قاتتىق نارازى بولۇپ، خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىدى.

خىتاي تاموژنىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ تاۋ بۈگۈن ئالدىن - ئالا بايانات ئېلان قىلىپ 'ھۆكۈمەت ياپونىيىنى كەمسىتىدىغان سىياسەت چىقارمىدى، شۇنداقلا، ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان تۈرلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلىگىنى يوق' دەپ ئۆزىنى ئاقلاپ قوپتى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.