خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى باش ئەلچىسى ياپونىيە تەرەپنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىتازاۋا ئۆتكەن جۈمە كۈنى 23 - ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي تىك ئۇچارىنىڭ21 - ئاپرېل كۈنى، جەنۇبىي ئوكىناۋا دېڭىز تەۋەلىكىدە، ياپونىيە ئۇرۇش پاراخوتىغا 2 قېتىم يېقىنلىشىش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى ھەم خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ۋەقەنى "زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى" دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-04-27
Share

بۈگۈن خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، چېڭ يۇڭخۇا ياپونىيە تەرەپنىڭ نارازىلىق باياناتىنى "ئورۇنسىز ئەيىبلەش" دەپ رەت قىلدى. چېڭ يۇڭخۇا سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، " خىتاي ھەربىي تىك ئۇچارىنىڭ ياپونىيە ئۇرۇش پاراخوتىغا يېقىنلىشىشى، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتى ھەم باشقا پاراخوتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا ئوچۇق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىغا "پاراكەندىچىلىك" سالغانلىقىدىن بولدى" دەپ ئىزاھلىدى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز چېگرىسىدا جىددىي كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بىر ئۇرۇش پاراخوتى چارشەنبە كۈنى ئوكىناۋانىڭ 500 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى دېڭىزدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، خىتاينىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچارى ياپونىيە ئۇرۇش پاراخوتىغا 90 مېتىر يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن ياپونىيە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت