خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىنى كېمە كاپىتانىنى دەرھال قويۇۋېتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن بېلىقچى كېمىسى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ياپون - خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، ياپونىيە "خەتەرلىك ئويۇن ئوينىماقتا" دېدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.09.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويېتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن بۇ ھەقتە قىلغان باياننامىسىدا "دىياۋ يۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاقىم ئاراللار قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى. ياپونىيىنىڭ بۇ ئاراللاردىكى بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە ئىچكى سىياسىتىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشى ئىنتايىن بىمەنە، قانۇنسىز ۋە شۇنداقلا پايدىسىز بىر ھەرىكەت. بىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز" دېدى ۋە ياپونىيىنىڭ زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرمەي، كاپىتانىنى شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بېلىقچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن رايونغا قوغداش كېمىسى ئەۋەتكەن.
ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى بۇ سۈركىلىش سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فۇجىيەن 5179 بەلگىلىك بېلىقچى كېمىسىنىڭ ياپونىيە چارلاش كېمىلىرىگە ئۇدا ئىككى قېتىم سوقۇلۇشى بىلەن باشلىغان ئىدى. ياپونىيە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى "قانۇنسىز بېلىقچىلىق" دەپ ئەيىبلىگەن ۋە چارشەنبە كۈنى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغان ئىدى.

شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سۈركىلىش ۋەقەلىرى ئىلگىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ياپونىيە كۆپ قېتىم خىتاي كېمىلىرىنى بۇ ئارالغا ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىش بىلەن ئەيىبلەپ دىپلوماتىك نوتا بەرگەن ئىدى. بۇ ئارال ھازىر گەرچە ياپونىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ، خىتاي بۇ ئارالدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ئارالنى خىتايلار دىياۋيۈ تاقىم ئارىلى، ياپونلار بولسا سەنكاكۇ دەپ ئاتايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.