خىتاي ياپونىيىگە تەھدىت سېلىپ، كېمە باشلىقىنى قويۇپ بەرمىسە مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى يەنە بىر قېتىم چاقىرتىپ، ياپونىيە تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ باشلىقىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى، ئەگەر دەرھال قويۇپ بېرىلمىسە، بۇنىڭ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى زەخمەتكە ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-10
Share

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى جۈمە كۈنى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيچىرىئو نىۋانى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ، يۇقىرىقى تەلەپنى قويغان. بۇ خىتاي تەرەپنىڭ ياپونىيە باش ئەلچىسىنى 3 - قېتىم ھوزۇرىغا چاقىرتىشىدۇر.

لېكىن، ياڭ جيېچى ياپونىيە باش ئەلچىسىنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ بىر يەرلىك سوت مەھكىمىسى ياپونىيە تەپتىش خادىملىرىنىڭ خىتاي بېلىقچىلار كېمە باشلىقىنى 19 - سېنتەبىرگىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆز ‏ - ئارا قارشىلىشىشنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتكە زەخمەت يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ۋەقە سەيشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ كۇبا ئارىلىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئارال ياپونلار سەنكاكۇ، دەپ ئاتايدىغان، لېكىن خىتايلار دياۋيۇداۋ، دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىشتىكى ئارالنىڭ بىر ئاز شىمالىغا توغرا كېلەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ياڭ جېيچى ياپونىيە باش ئەلچىسىدىن خىتاي بېلىقچىلار كېمىسىنىڭ باشلىقى جەن چىشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ بېلىقچىلار ئەترىتىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتسۇيا جۈمە كۈنى توكيودا مەزكۇر ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياڭ جيېچىنىڭ ياپون باش ئەلچىسىنى ھوزۇرىغا چاقىرتقانلىقىنى " ئەپسۇسلىنارلىق ئىش" دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ياپونىيىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئىچكى قانۇنلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى "كۈلكىلىك، قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت