خىتاي قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق 9 ئالىي مەكتەپكە 55 مىليون يۇەن 'ياردەم' بېرىدىكەن

'ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى تور گېزىتى'نىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2010‏ - يىلىدىن باشلاپ يەرلىك ئالىي مەكتەپلەرگە تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشى، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇش، ئىجادىيەت تارماقلىرى قۇرۇش دېگەندەك ناملار بىلەن 55 مىليون يۇەن مەخسۇس پۇل ئاجراتقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.11.10

ئادەتتە 'ياردەم پۇلى' دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەخسۇس پۇل قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 9 ئالىي مەكتەپكە بېرىلىپتۇ.

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى 'ياردەم' دېگەن نام بىلەن ئاجرىتىلغان مەبلەغلەر، ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ قايسىسىغا، قانچىلىك يېتىپ بارسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۇ جايغا ھەرخىل نام بىلەن خىتايدىن كۆچمەن ئەكىلىپ، سېلىنغان مەبلەغلەردىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى بەھرىمان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.