خىتاينىڭ زەھەرلىك يىمەكلىرى كىشىلەرنى ئىزچىل ئەندىشىلەندۈرمەكتە

خىتاينىڭ زەھەرلىك " سۈت پاراشوكى" ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بۈگۈن ياپونىيىدىكى بىر ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان كۆك پۇرچاق تەركىۋىدىن، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك دورا DDV بايقالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.10.16

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيودا 56 ياشلىق بىر ئايال، خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن كۆك پۇرچاقنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن، بىئاراملىق ھېس قىلىپ، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

بۇ يىل 1 ‏ - ئايدا خىتاينىڭ زەھەرلىك جۇۋاۋىسى بايقىلىپ، بۇ ۋەقە ئازراق پەسەيگەندە، قايتىدىن زەھەرلىك كۆك پۇرچاق ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشى، خىتايدىن يىمەكلىك مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلغان كارخانىلارغا زىيان ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ خىتاي يىمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

بۇ ئارىدا خىتايدا چىقىدىغان شىئەن كەچلىك گېزىتى 13 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى، شىڭپىڭدىكى بىر ئەرنىڭ تەييار چۆپ يېگەنلىكتىن، زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ھازىر 5824 بالىنىڭ زەھەرلىك سۈت پاراشوكى تۈپەيلى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.