خىتاي، يەرلىك دائىرىلەردىن 2015 ‏ - يىلغىچە ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۇنشيەن، خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىگە تېز ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2015 ‏ - يىلغا قەدەر رايوندىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.05.28

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2020‏ - يىلغا بارغاندا بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم خىتايچىنى سۇدەك سۆزلىيەلەيدىغان ھالغا يېتىشى كېرەك. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ 26 ‏ - ماي كۈنى چاقىرىلغان 7 ‏- نۆۋەتلىك 9 ‏ - ئومۇمى يىغىنىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، جاڭ چۈنشيەن يەنە 2012 ‏ - يىلغا قەدەر رايوندىكى يەسلىلەردە خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر "قوش تىل" مائارىپىغا "سېخىلىك" بىلەن مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قوشۇمچە 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ مەبلەغنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ئالغا سۈرۈش ياكى ئۇيغۇرلارغا خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

بەزى ئانالىزچىلار "قوش تىللىق" مائارىپنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇر تىلىنى چەتكە قېقىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەت مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.