خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى

خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن، كەڭ خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا چەكلىمىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ تەشكىلات ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنى ئاخباراتقا بولغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. ئۇلار يەنە ۋېن جياباۋنىڭ 5 - مارت كۈنى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇۋېتىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا خىتاي دائىرىلىرى 11 تۈردىكى خەۋەرگە چەكلىمە قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە زەھەرلىك سۈت تالقىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئەرز سۇنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرمۇ يەر ئالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا 18 خىل خەۋەر تۈرىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇلار ئەمەلىيەتتە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى، ئۇيغۇر ۋە شىزاڭ رايونىدىكى ئىسيانلار، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنىڭ قىيىنلىشىپ كېتىشى قاتارلىق خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سەزگۈر مەسىلىلەر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت