شاڭخەيدىن بېشكەككە ئۇچقان يۈك ئايرۇپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.28
2009.11.28
زىمبابۇۋىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ئايرۇپىلاننى زىمبابۇۋى ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئايرۇپىلانى دەپ ئېتىراپ قىلدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئايرۇپىلاندىكى 7 نەپەر ئۇچقۇچىنىڭ 3 ى ھادىسىە ئۆلگەن، قالغان تۆتى يارىلانغان. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگەن 3 نەپەر ئۇچقۇچىنى ۋە يارىلانغان بىر ئۇچقۇچىنى ئامېرىكىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. قالغانلىرى ھىندونېزىيىلىك، بېلىگىيىلىك، زىمبابۇۋىلىق ئۇچقۇچىلار ئىكەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىككىگە پارچىلىنىپ ئوت ئىچىدە قالغان، 'شەرق ھاۋا قاتنىشى' سەددىچن شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتىغا ئوت تۇتاشقان. بۇ ۋەقە تۈپەيلى شاڭخەيدىن ئۇچىدىغان 30 نەچچە يۇلۇچى ئايرۇپىلان كېچىككەن. 4 مىڭدىن ئارتۇق يۇلۇچى ئايرۇپىلان ئىچىدە تۇرۇپ يېرىم كۈن ساقلىغان.
بۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى شاڭخەيدىن بېشكەككە ئۇچقان بۇ يۈكچى ئايرۇپىلان "ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپلا ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلاندى،" دەپلا خەۋەر قىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن 2008 - يىلى خىتاينىڭ ئىككى ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانى ئىچكى موڭغوليىدە بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىپ پۈتۈنلەي پاچاقلانغاندا، 2006 - يىلى خىتاينىڭ ھەربى ئايرۇپىلانى ئەنخۇيدا چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلانغاندا، ھاىسىدە يۈز بەرگەن قازا ئەھۋالىنى يۇشۇرغان ئىدى.