ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2009.11.29
2009.11.29
مەزكۇر ئايروپىلان زىمبابۇۋىگە تەۋە "ئاۋىئەنت" شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بولۇپ، شاڭخەي فۇدوڭ ئايرودرومىدىن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە قاراپ ئۇچماقچى ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەردىن باشقا تۆت ئايروپىلان خادىمى يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى بار ئىكەن. خىتاي ئاخباراتلىرى مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش يولىدا مېڭىپ، ئۇچۇش ئالدىدا ئايروپىلاننىڭ ئارقا قىسىمىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە مەزكۇر ۋەقە كېلىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئەمما، ئامېرىكا تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىدىكەن.