خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىچىدە چىرىكلىك ئېغىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى -- "جەنۇبىي ھاۋا يوللىرى" ئىچىدە چىرىكلىك ئېغىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. دۈشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى يېقىندا مەزكۇر ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىككى دىرېكتورىنى قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر خادىملار يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا ۋاقىت ۋە ئۇچۇش يوللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەن. بۇ خادىملار ئۆز خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە يېڭى ئۇچۇش يولى تەيىنلەشتىن باشقا يەنە بۇلارغا ئۇچۇش ۋە قونۇش ۋاقتى بەلگىلەشتە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىپ پارا ئالغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىشىنى 2009 - يىلى باشلىغان. بۇ جەرياندا، چىرىكلىك دېلوسى تەكشۈرۈلۈۋاتقان خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى خادىمى - ليۇ يەنجۈن ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا چىرىكلىك بىر قەدەر ئېغىر. مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تولۇق بەت