خىتاي كومپيۇتېرلارغا تور سۈزگۈچى 'يېشىل توسما' يۇمشاق دېتالى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى كېچىكتۈرگەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى ۋە خەلقئارا بېسىملار سەۋەبى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلىدىغان كومپيۇتېرلارغا تور سۈزگۈچى "يېشىل توسما" يۇمشاق دېتالى قاچىلاش قارارىنى ئىجرا قىلىشنى كېچىكتۈرگەن. خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى "يېشىل توسما" يۇمشاق دېتالى قاچىلاش قارارىنىڭ 1 ‏- ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ھۆكۈمەت مەزكۇر قارار كۈچگە ئىگە بولۇشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن "يېشىل توسما" پىلانىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-07-01
Share

خىتاينىڭ "يېشىل توسما" پىلانى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، مەزكۇر پىلان ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ دەپ تەنقىدلەنگەن ئىدى. لېكىن خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى بەزى كارخانىلارنىڭ بۇ قارارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىجىرا قىلىشقا يىتىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن "يېشىل توسما"نىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ، مەزكۇر پىلاننىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىكىنى"جۇڭگو مەدەنىي جەمئىيىتىنىڭ غەلىبىسى" دېگەن.

خىتاي "يېشىل توسما"نىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى "يېشىل توسما"نىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇچۇر تېخنىكا سانائەت كېڭىشى، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا سانائەت جەمئىيىتى قاتارلىق ئامېرىكا كومپيۇتېر كارخانىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورگانلار "يېشىل توسما"نىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالغان.



پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت