خىتايدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئىرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئىرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.27

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، 2007 - يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىر قەدەر كۆپىيىۋاتقان يىۋۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ساقچىخانىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئەمما خىزمەت ئورنىغا ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغان خىتاي كاندىداتلارنىڭلا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئېلاننىڭ مەزمۇنلىرى تېخى يېقىندا ئاشكارىلانغان. جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مەزكۇر خىزمەت ئورۇنلىرىغا دېگەندەك ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خىتاي ساقچىلار قوبۇل قىلىنغان.

خەۋەردە يۇقىرىقى ئېلان مىسال قىلىنىپ، خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسۇن ۋە مەيلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلىرىغا بولسۇن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئىرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا ھالدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر قىز ئانار 2007 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇدا نەچچە يىل ساقچى بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھانلارغا قاتناشقان بولسىمۇ دائىم ئۆتەلمىگەن. ئەمما ئۇنىڭغا ئۆتەلمەسلىك سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2007 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 566 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ 265 نەپىرىنىڭ چوقۇم خىتاي بولۇشى كېرەكلىكى، پەقەت يۈز نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، قالغانلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى سەي دىڭجيەن خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىغا كاندىداتلارنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئېنىق يېزىش چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.