'خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك ئېھتىياجى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ قامداش ئىقتىدارىدىن 20 پىرسەنت ئېشىپ كەتتى'

دۇنيا ئېكولوگىيە فوندى جەمئىيىتى 2010 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك بايلىق ئىقتىدارىنىڭ، خىتايدا بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان شەھەر نوپۇسنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئېكولوگىيىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-15
Share

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىستېمال سەۋىيىسى بىلەن مەزكۇر ئىستېمال سەۋىيىسىنى قامداش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان تەبىئىي بايلىق ئوتتۇرىسىدا زور تەڭسىزلىك شەكىللەنگەن.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، دۇنيا تەبىئىي ئېكولوگىيە فوندىنىڭ باش دىرېكتورى جەيمىس لىپ: "دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك ئېھتىياجى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ قامداش ئىقتىدارىدىن 20 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن."

جەيمىس لىپ يەنە، خىتاي ئېكولوگىيىسىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى ئۇزۇنغىچە قامداشقا بەرداشلىق بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كاربون تۆت ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىش دەرىجىسىمۇ ئۆتكەن 50 يىل ئىچىدە 20 ھەسسە ئاشقان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى خىتاينىڭ 2007 - يىلىدىكى سەۋىيىسىگە يەتسە، ئىنسانىيەت بۇ خىلدىكى سەۋىيىنى قامداش ئۈچۈن 1.2 يەرشارىغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت