خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ» چە باشقۇرۇلماقتا

خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا 8 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇربىز تورىغا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى مەيلى دەرسلىك، مەيلى باشقۇرۇش تۈزۈمى جەھەتتىن بولسۇن، ئوخشاش مەكتەپتىكى خەنزۇلار ئوقۇۋاتقان سىنىپلاردىن تامامەن پەرقلىق ئىكەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردىمۇ شىنجياڭچە باشقۇرۇلماقتا» دەپ شىكايەت قىلغان مەزكۇر ئوقۇتقۇچى، مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سىياسىي ئۆگىنىش ۋە سىياسىي تەلىم تەربىيىنىڭ كۆپلۈكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى پاش قىلغان. مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك مەزمۇنى ۋە باشقۇرۇلۇش تۈزۈمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئەۋەتكەن مەسئۇل خادىم ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا داۋاملىق ئىختىلاپ كۆرۈلمەكتە. يېقىندا بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى بايقالغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن ئەۋەتىلگەن مەسئۇل خادىم ئۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن ھەيدەشنى تەلەپ قىلغان، مەكتەپ رەھبەرلىرى بولسا، بۇنداق كىچىككىنە بىر مەسىلە سەۋەبلىك بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ نىسبەتەن يۇمشاق جازا بەرگەن.

بۇ ئەھۋاللارنى پاش قىلغان مەزكۇر ئوقۇتقۇچى ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى «شىنجاڭ» چە باشقۇرۇش يەنە داۋاملاشسا ئۆزىنىڭ مەزكۇر سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت