خىتايدا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىدە مەھبۇسلار ئورگانلىرى ئاساسلىق مەنبە قىلىنماقتا

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بەدەن ئورگانلىرى، دوختورخانىلاردا ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى قىلىنىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.08.26

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋېن سەھىيە مىنىستىرى خۇاڭ جىفۇ خىتايدا 'ئىئانە قىلدى' دېيىلگەن ئادەم ئورگانلىرىنىڭ 65% ى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بەدەن ئورگانلىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ بەدەن ئورگانلىرى دوختورخانىلاردىكى ئورگان كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى قىلىنماسلىقى، مەھبۇسلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۈرمەت قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنى پارچىلاپ ئېلىش، پەقەت ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن ئىمزالانغان قانۇنىي كېلىشىم بۇيىچە بولۇشى لازىم ئىدى.

شاڭخەيدىكى خۇاسەن دوختورخانىسى ئورگان كۆچۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چەن جەنمىننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ دوختورخانىدا 2003‏ - يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن 130 مەھبۇسنىڭ ھەر خىل ئورگانلىرى 500 نەپەر بىمارغا كۆچۈرۈلۈپ بولغان.

مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈشتە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت بولمىغان، بەلكى مەھبۇسلارنىڭ ئورگانلىرى خالىغانچە پارچىلاپ ئېلىنغان، ھەتتا بۇ جەرياندا شەخسىيلەر كۆپ پايدا قازانغان.

'گۇاڭجۇ گېزىتى' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 'ئورگان ئىئانە قىلىش' جەھەتتە ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى 'ئىئانە قىلىندى' دېيىلگەن يۈرەك، ئۆپكە، بۆرەكلەرنىڭ ئىسراپ قىلىنىش ھادىسىلىرى ئىنتايىن ئېغىر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.