گۇاڭشىدا ئالتە سوتچى كىسلاتا ھۇجۇمىدا يارىلاندى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىدا بۈگۈن ئالتە نەپەر سوتچى ۋە باشقا سوت خادىمى كىسلاتا ھۇجۇمىدا يارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ، ئۆتكەن ھەپتىدە، خۇبېي ئۆلكىسىدە بىر بانكا مۇھاپىزەتچىسى ئۈچ سوتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەدىن كېيىن تەكرار يۈز بەرگەن سوتچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاينىڭ 'يەرشارى خەۋەرلىرى' گېزىتىدە تەسۋىرلىنىشىچە، بۇ ۋەقە ۋۇجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. سوتتا ئاجرىشىش دەۋاسى سورىلىۋاتقاندا، غەزەپلەنگەن دەۋاگەر سوتچىلارغا كىسلاتا چېچىپ ھۇجۇم قىلغان. يارىلاندۇرۇلغان سوتچىلار ۋە باشقا سوت خادىملىرى بىردىن كۆزى كور بولۇپ قېلىش خەۋپىگە يۈزلەنگەن.

تولۇق بەت