چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ زىيارەت قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى چەكلىمىسىنى تەنقىدلىدى

باش شىتابى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا شۆبىسى رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.16

بۇ، خىتاينىڭ، 5‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىۋاتقاندا قوللانغان يېڭى تەدبىرى؛ يېڭى چېگرادا يەرلىك خەلققە قارىتىلغان يەنە بىر قاتتىق سىياسەت؛ خىتاي 2008‏- يىلىدىمۇ، يەرلىك خەلقنىڭ زىيارەت قوبۇل قىلىشىنى چەكلەيدىغان سىياسەت قوللانغان ئىدى؛ بۇ قېتىمقىسى يەنىلا، دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.
 
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېقىندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئاھالىلىرىگە قارىتا، كىم چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقچى بولسا، ئائىلە باشلىقى ئالدى بىلەن بىنا باشلىقىغا ياكى مەھەللە باشلىقىغا ياكى ساقچى پونكىتىغا ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىتىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.