خىتايدا ' خىتاي دېموكراتىيىسى' ناملىق ناخشا پلاستىنكىسىغا ئائىت تور بەتلىرى چەكلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.24
2008.11.24
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، "خىتاي دېموكراتىيىسى" ناخشا لېنتىسىنىڭ مەخسۇس تور بېتى خىتايدا تاقىۋېتىلگەندىن سىرت يەنە، خىتايدىكى نوپۇزلۇق ئىزدەش تور بېتى بەيدۇ تورىمۇ "خىتاي دېموكراتىيىسى" گە ئائىت ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىزدەشنى توسىۋەتكەن.
ھالبۇكى، خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى باياناتچىسى " خىتاي دېموكراتىيىسى" ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ خىتاي تورلىرىدا چەكلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ھەتتا بۇنداق ناخشا پلاستىنكىسىنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
"قورال ۋە قىزىلگۈل" مۇزىكا ئەترىتى 1985 - يىلى ئەكسل روۋز تەرىپىدىن كالىفورنىيىنىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1991 - يىلىدىن بۇيان ناخشا پلاستىنكىسى ئىشلەپ باقمىغان.
"خىتاي دېموكراتىيىسى" مەزكۇر مۇزىكا ئەترىتى 17 يىلدىن بۇيان ئېلان قىلغان تۇنجى ناخشا لېنتىسى بولۇپ، بۇ يىل 23 - نويابىردا بازارغا سېلىنغان ئىدى.









