جەنۇبىي خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرى يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچراپ 65 ئادەم ئۆلگەن

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ سىچۈەن ۋە جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرى يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچراپ 65 ئادەم ئۆلگەن ۋە 14 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.05.08

خىتاي دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شتابى تارقاتقان ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، 5 - مايدىن باشلاپ خىتاينىڭ سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ، جياڭشى ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرى يامغۇر ۋە مۆلدۈرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە 2 مىليون 550 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەت چۇڭچىڭدا بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، ئۆلگەن ئادەم 31 گە، يوقاپ كەتكەن ئادەم 1 گە يەتكەن. چۇڭچىڭ ھۆكۈمىتى 85 مىڭ ئادەمنى باشقا جايلارغا يۆتكىگەن.

يۇقىرىقى رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپلا قالماي بەزى سۇ ئامبارلىرىدا سۇ يۈزى ئۆرلەپ كېتىش ياكى سۇ تېشىپ كېتىش ھادىسىلىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، يەرلىك ھاۋارايى ئىدارىلىرى جياڭشى، خۇنەن قاتارلىق رايونلاردا يەنە نەچچە كۈن يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.