خىتايدا ياشانغانلار نوپۇسى ئۈزلۈكسز ئارتماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر نوپۇس قېرىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2009- يىلى 60 ياشتىن ھالقىغانلارنىڭ سانى 167 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 12.5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 8 - 9 مىليونغىچە كىشى ياشانغانلار سېپىگە قوشۇلۇۋاتقان بولۇپ، 2020- يىلىغا كەلگەندە بۇ رەقەمنىڭ 248 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 17 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، 2050 - يىلىغا كەلگەندە بولسا تەخمىنەن ھەر 4 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغان كىشى بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

خەۋەرلەرلەردىن قارىغاندا، خىتايدا بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، گەرچە نوپۇسنىڭ ئارتىشى كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈم خىتاينىڭ نوپۇسىنىڭ دېموگرافىك تۈزۈلۈشىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بالىلىرى ئائىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باقىدىغان ئادىمى يوق كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمەتلىرى تەرەققى قىلمىغان خىتايدا ناھايىتى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھازىر بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي تۈردىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى بەرپا قىلىپ، بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى، پىلانلىق تۇغۇتنى ئائىلىلەرگە مەجبۇرلىماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي جەمئىيىتى يۈزلىنىۋاتقان نوپۇس قېرىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت