خىتاي سوتى سەنلۇ گۇرۇھىنىڭ 5 خادىمى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009.01.22
2009.01.22
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان 5 كىشى سەنلۇ زەھەرلىك سۈت پاراشوكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىشىغا بىۋاستە مەسئۇل كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەنلۇ سۈت پاراشوكى دىلوسى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم ھۆكۈم چىقىرىشى ھېسابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۆتكەن يىلى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن 300 مىڭ بوۋاق كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك سۈت پاراشوكىغا مېلامىن ماددىسى قوشقان سەنلۇ گۇرۇھىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
سوت مەھكىمىسى، سەنلۇ سۈت پاراشوكى گۇرۇھى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان دىلودىكى ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدار يەنى باش دىرىكتور تيەن ۋېنخۇانى مۈددەتسىز قاماق جازاسى بىلەن جازالىغان، بىراق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتلار دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى، شۇنىڭدەك مەسئۇليىتى ئېغىر ھېسابلانغان تيەن ۋېنخۇانىڭ ئۈلۈم جازاسىغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.