خىتاي ياۋرۇپا بىرلىكىدىن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي چارشەنبە كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكىدىن خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۈ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە، "بىز ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز،" دېدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.28

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىگۇەل موراتىنوس خىتايغا قويۇلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:" مېنىڭ مەقسىتىم، خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگنى كۈچەيتىپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش" دېگەن.

ما جاۋشۈ مۇخبىرلارنىڭ موراتىنوسنىڭ بۇ سۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىگە جاۋاب بېرىپ، "بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىمىز ئوچۇق ۋە قەتئىي. بىز ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى شەرتسىز ۋە تەلتۆكۈس بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بۇ خىتاي بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسى 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىزچىل ھالدا ياۋرۇپا بىرلىكىدىن بۇ ئىمبارگونى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.