خىللارىي كلىنتون خىتاينى دۇنيادىكى يېڭى ئورنىغا لايىق ئىش قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىللارىي كىلىنتون «خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزىنىڭ ئىجابىي رول ئوينايدىغان بىر دۆلەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى كېرەك» دېدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.08

خىللارىي كىلىنتون بۇ سۆزنى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رىچارد نىكسوننىڭ 1972-يىلى خىتايغا تۇنجى قېتىم زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا قىلغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىللارىي خانىم يىغىندا خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ يېڭى ئورنىغا لايىق ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي پەقەت خەلقئارادىكى ئۆزى خالىغان قائىدىلەرگە ئەگىشىش بىلەنلا بولدى قىلماي، بەلكى سۈرىيە مەسىلىسىگە ئوخشاش خەلقئارالىق مەسىلىلەردە دۇنياغا پايدىلىق، ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىزچىل ھالدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ پۇل قىممىتى مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە شۇنىڭدەك ھازىر داۋام قىلىۋاتقان سۈرىيە كرىزىسىغا ئوخشاش بىر قاتار خەلقئارالىق مەسىلىلەردە بۇ زىددىيەت تېخىمۇ روشەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.